
14 – ئۆكتەبىر سائەت 16 لەر ئەتراپىدا، شىخۇنىڭ شىگوبى يېزىسىدىكى بىر پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدىكى بىر دۆۋە پاختا (350 توننا ئەتراپىدا) غا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن، ئوت ناھايىتى تېزلىكتە يامراپ ، ئەتراپىدىكى باشقا ئۈچ دۆۋە پاختىغا تۇتاشقان. ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ۋە زاۋۇتتىكىلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ، ئوت يېرىم سائەتلەر ئەتراپىدا ئۆچۈرۈۋېلىنغان .
شىخۇ ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ يوڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ زاۋۇتنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى ناھايىتى ئۆلچەملىك بولۇپ، ئوت تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرىۋېلىنغان. نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، تەبىئىي سەۋەبتىن ئوت كېتىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولۇپ، ئادەم ئامىلى سەۋەبلىك ئوت كەتكەنلىكى پەرەز قىلىنغان.