ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ   ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ   ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﺎ   ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ   ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ    ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ    ﺑﺎﺯﺍﺭ  ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ  ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺋﯘﻟﯘﻧﯘﺵ

| قىززىق نوختا | دىيارىمىزدا | مەملىكەت خەۋىرى | خەلقارا خەۋەر | ئىجتىمائى خەۋەر
ﭘﯘﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﻩﺳ&
 CNN ﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯘ
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮ&#
ﺋﻮﻟﯘﻧﭙﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩ&#
ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﯞﯨﻠﻴﺎﻡ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩ&

 

   
 ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ 137 ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﻗﯘﻏﺪﯗﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ
 كۆرۈلىشى :  قېتىم                   2008年04月17日                             

 

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئالدىغا تاللىغان 137 مەشەل قوغداپ يۈگۈرگۈچى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشىلىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز دائىرسىدە يەتكۈزۈلۈشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. نۆۋەتتە 137 مەشەل قوغداپ يۈگۈرگۈچىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ سالاھىيەت بېكىتىشىدىن ئۆتتى.

8مەشەل يەتكۈزگۈچىنى 2 مەشەل قوغداپ يۈگۈرگۈچى قوغداش ئۆلچىمى بويىچە بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشىلىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئايلىنىپ يەتكۈزۈلۈشىگە 137 مەشەل قوغداپ يۈگۈرگۈچى كېرەك بولىدۇ.  ئاپتونوم رايونىمىزدا مەشەل قوغداپ يۈگۈرگۈچىلەر ئاساسلىقى تەشكىلنىڭ كۆرسىتىش شەكلى بىلەن تاللاندى، تاللانغان قوغداپ يۈگۈرگۈچىلەر ئىچىدە 37 سى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن كەلگەن، قالغان 100 ئى  ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى ۋە سانجى شەھىرى قاتارلىق 4 شەھەردىن تاللاپ چىقىلغان.

 مەشەل قوغداپ يۈگۈرگۈچىلەرنى تاللاش ئۆلچىمى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، مەشەل يەتكۈزگۈچىگە قويۇلغان تەلەپتىن باشقا، يەنە 17 ياشتىن يۇقىرى، 20 مېنوتتا 3 كېلومېتىر يولنى پىيەدە  بېسىپ بولۇشى، تەن ساپاسى  ياخشى، مەشەل يەتكۈزگۈچىگە يېتىشىپ مېڭىشى، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرىدىغان بىر نەچچە يول بۆلەكلىرىدە مەشەلنى قوغداپ يۈگۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ
 

   
 

 
ئالدىنقى خەۋەر  

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆزگەرتىلسە، ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ باھانى ئۆز مەيلىچە ئۆستۈرۈۋالغانلار جازالىنىدۇ  
كىيىنكى خەۋەر 没有了