ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ   ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ   ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﺎ   ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ   ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ    ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ    ﺑﺎﺯﺍﺭ  ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ  ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺋﯘﻟﯘﻧﯘﺵ

| قىززىق نوختا | دىيارىمىزدا | مەملىكەت خەۋىرى | خەلقارا خەۋەر | ئىجتىمائى خەۋەر
ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ ئېنېرگىيە ت&
ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞ&
ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﻳﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩ&
ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺯ&
ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩ

¡¡

   
¡¡دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى: دالاي ئۇزاقتىن بۇيان ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن سىياسىي سەرگەردان، دېدى
¡¡كۆرۈلىشى :  قېتىم                   2008Äê03ÔÂ21ÈÕ                             

¡¡ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 18 ¨C مارت بۇ يەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: دالاي نوقۇللا دىنىي زات ئەمەس، بەلكى دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان، ئۇزاقتىن بۇيان چەت ئەللەردە ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىياسىي سەرگەردان.

     مۇخبىر: يېقىندا لاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى توغرىسىدا، خەلقئارادا بەزىلەر دالاي بۆلگۈنچى ئۇنسۇر ئەمەس دېيىشمەكتە. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

     چىن گاڭ: دالاي نوقۇللا دىنىي زات ئەمەس، بەلكى دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان، ئۇزاقتىن بۇيان چەت ئەللەردە ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىياسىي سەرگەردان.

     چىن گاڭ مۇنداق دېدى: دالاي بىرىنچىدىن، شىزاڭنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي، شىزاڭ جۇڭگو تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان دۆلەت، دەپ كەلدى. ئىككىنچىدىن، دالاي ھازىر شىزاڭدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان تۈزۈمنى ئېتىراپ قىلماي، بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقىچە تۈزۈم ئورناتماقچى. ئۈچىنچىدىن، كۆلىمى جۇڭگو زېمىنىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان، تارىختا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان ‹‹بۈيۈك تىبەت رايونى›› قۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. تۆتىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ‹‹بۈيۈك تىبەت رايونى››دىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بەشىنچىدىن، زاڭزۇلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرنى ‹‹بۈيۈك تىبەت رايونى››دىن قوغلاپ چىقارماقچى. دالاي گۇرۇھىنىڭ ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى›› سەپسەتىسى ‹‹تىبەت سەرگەردان زاڭزۇلار نىزامنامىسى››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، شىزاڭنى ‹‹فېدېراتسىيە دېموكراتىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەرغىپ قىلىنغان.

     چىن گاڭ مۇنداق دېدى: دالاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى قىلمىش ¨Cئەتمىشلىرى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئۇ بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىدىن ئەزەلدىن ۋاز كەچكەن، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئەزەلدىن توختاتقان ئەمەس. لاسادا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىنى دالاي گۇرۇھى ئىنچىكە پىلانلىغان، قۇتراتقان. بۇ دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى ۋە دالاي گۇرۇھى تەرغىپ قىلىۋاتقان  ئاتالمىش ‹‹تىنچلىق››، ‹‹زوراۋانلىق قىلماسلىق›› دېگەنلىرىنىڭ ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

¡¡ ¡¡
¡¡

¡¡
ئالدىنقى خەۋەر  

ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ ئېنېرگىيە تورى ئۈچۈن بېغىشلىما يېزىپ بەردى ¡¡
كىيىنكى خەۋەر خاسىيەتلىك بايرام -- نورۇز