ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ   ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ   ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﺎ   ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ   ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ    ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ    ﺑﺎﺯﺍﺭ  ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ  ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺋﯘﻟﯘﻧﯘﺵ

| قىززىق نوختا | دىيارىمىزدا | مەملىكەت خەۋىرى | خەلقارا خەۋەر | ئىجتىمائى خەۋەر
ﺧﻪﻳﻨﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧ&
13-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ 3ﭼﻮ᤮
ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺰﺍﺩﺷﯘﻧﺎ
ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﭼﺎﯞﺷﻪﻧﻨﻰ ﺗﯩﺮﻭﺭﭼﻰ &
ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ &

 

   
 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ قاتناش ھەققى يىغىش پونكىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
 كۆرۈلىشى :  قېتىم                   2008年10月15日                             

 

点此在新窗口浏览图片

 ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2009 – يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىۋوپۇ ھەق يىغىش پونكىتى ( ئاساسىي يولدىن بىرسى، قوشۇمچە يولدىن بىرسى، ئارا يولدىن ئىككىسى) ، شۈەنرىندۆڭ ھەق يىغىش پونكىتى، شاڭساخې ھەق يىغىش پونكىتىدا قاتناش ھەققى يىغىش توختىتىلىدىكەن.

     دىۋوپۇ ھەق يىغىش پونكىتى دۆلەت يولى 312 – لىنىيىسىدىكى ئۈرۈمچى – سانجى ئارىلىقىغا ، شۈەنرىندۆڭ ھەق يىغىش پونكىتى ئۆلكە يولى 102 – لىنيىسىدىكى ئۈرۈمچى – ۋۇجياجۈ ئارىلىقىغا، شاڭساخې ھەق يىغىش پونكىتى ئۈرۈمچى – كۈيتۈن تېز سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن تۇرپان – ئۈرۈمچى –  داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان يولنىڭ ئۆلكە يولى 114 –  لىنىيىسىگە جايلاشقان. ئۈرۈمچى – سانجى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەريانىدا، بۇ ئۈچ ھەق يىغىش پونكىتى (بولۇپمۇ دىۋوپۇ ھەق يىغىش پونكىتى)نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش – قالدۇرماسلىق ھەر يىل ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 20 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 2009 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ ، يۇقىرىقى ئۈچ ھەق يىغىش پونكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ يوللاردىن ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل قاتناش ھەققى توختىتىلىدىغان بولدى. ھەق يىغىش توختىتىلىدىغاندىن كېيىنكى ئازايتىلغان كىرىمنى ئاپتونوم رايون مالىيىسى بىلەن ئۈرۈمچى سانجى مالىيىسى خامچوت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ تولۇقلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 2009 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە، ھەر يىلى 70 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. 2012 – يىلىغا بارغاندا، ھەر يىلى مالىيىدىن 100 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

   
 

 
ئالدىنقى خەۋەر  

ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ  
كىيىنكى خەۋەر 没有了