|


17-ئاپرىل چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 16:00 باشلاپ ئۈرۈمچى شەھرىدە شامال چىقىشقا باشلاپ تەدرىجى كۈچىيىپ بوران ھەممە يەرنى توپا چاڭغا تولدۇرۋەتتى .شەھەر ئىچىدىكى بىر قىسىم يوللاردا كۆرۈش ئارلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن قاتناش قىستاڭچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى . ئۈرۈمچى كۈيتۇۈن يۇقۇرى سۇرەتلىك تاش يولىدا بوران ئارلاش يامغۇر ياققانلىقى ئۈچۈن قاتناشمۇ تەسىرگە ئۈچرىدى .ھاۋا رايى ئورىنلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا غەرىبى سىبىريەنىڭ سوغاق ئېقىمىنىڭ جەنۇبقا كۆچۈش نەتىجىسىدە 18- ئاپرىل كەچتىن باشلاپ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ قارغا ئايلىنىدىكەن، كۈندۈزلۈك تىمپۇرەتۇرا 0 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالىدىكەن. 19-ئاپرىل 20 -ئاپرىلدا تىمپۇراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالىدىكەن ، تاغلىق رايونلار بولسا نۆلدىن تۆۋەن 7--10 گىرادۇسقىچە بولوپ ئۈششۈك چۈشىدىكەن. |