بۇ يىل 1 – ئاپرېلدىن تارتىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى ئۆزگەرتىلسە، چوقۇم ئۈزگەرتىشتىن بۇرۇنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك، ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئۆي باھاسى ئۇچۇرىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى توردا ئېلان قىلىدۇ. باھانى ئۆز ئالدىغا ئۆستۈرۈۋالغانلار، باھا ئالدامچىلىقى قىلغانلار باھاغا مەسئۇل تارماقلار تەرىپىدىن جازالىنىدۇ.
ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدە تاۋار ئۆي ۋە تۇرالغۇدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىدا باھانى بازار ئارقىلىق تەڭشەش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەنگە ئالدۇرۇلغان سېتىلىش باھاسىنى ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىچىلىرى قۇرۇلۇش تەننەرخى ۋە بازاردىكى تەمىنلەش – ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدىكەن. تاۋار ئۆي ۋە تۇرالغۇدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش مەزمۇنى: كارخانا نامى، تىجارەت كىنىشكىسى، ساپانامە، تۈر تۇرغۇزۇشنى تەستىقلاش ھۆججىتى، تۈرنىڭ ئومۇمىي تەكشى يۈز چېرتيوژى ۋە ئۆلچەملىك قەۋەت تەكشى يۈزى چېرتىيوژ، تاۋار ئۆي ۋە تۇرالغۇدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئەنگە ئېلىش جەدۋېلىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىچىلىرى تاۋار ئۆي ۋە تۇرالغۇدىن باشقا ئۆيلەرنى ساتقاندا، ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئالدىن سېتىش باھاسى ۋە سېتىش باھاسىنى ئېلان قىلىشى، كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا باھا جەدۋېلى چاپلاپ، باھانى ئاشكارىلىشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياۋ جەنجۈننىڭ ئېيتىشىچە، مال باھا تارماقلىرى بۇ يىل ئۆي – زېمىن باھاسى، خوجىلىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ھەق ئېلىشنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىچىلىرىنىڭ باھا سىياسىتىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدىكەن. بۇ قىلمىشلار ئەرزان، قولاي ئۆي باھاسىنى ئىجرا قىلماسلىق، تاۋار ئۆي باھاسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىگە بويسۇنماسلىق، ناتوغرا ۋاسىتە بىلەن باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش، باھائۈستىگە باھا چاپلاش، باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.