|
 
28-ئاپرىل شىنخۇا تورى ۋېناستىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئاۋىستىرىيە ساقچى تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ ،ئەخلاقى بۇزۇلۇش جىنايەت گۇماندارى 73 ياشلىق يۈسۈفۇ فولەسلىنى قۇلغا ئالغانلىقىنى بىلدۇردى .ئۇ قىزىنى خارلىغان ۋە قىزىدىن 7 بالا تۇققان دەپ ئەيىپلەندى . زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچى ئىلزابىت بۇ يىل 42 ياشتا بولۇپ ئۆز دادىسىنىڭ جىنسى خورلۇقىغا ئۇچرىغان ،ھەمدە 24 يىل يەر ئاستى ئۆيىگە سولاپ قۇيۇلغان . مۇشۇ ئاينىڭ ئوتۇرلىرىدا ئۇلار تۇققان 7 بالىنىڭ ئىچىدىكى 19 ياشلىق بىرسى ئېغىر كىسەل بىلەن ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنگەندە بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغان. ئىلزابىت ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ 11 ياشتىن باشلاپ ئۆز دادىسىنىڭ باسقۇنچۇلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان، 18 يېشىدىن باشلاپ يەر ئاستى ئۆيىگە سولاپ قويۇلۇپ ،مۇشۇ ھەپتە ساقچىلار قۇتقۇزۇپ چىققانغا قەدەر دادىسىنىڭ جىنسى قۇلىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. |