بىلىۋال 3-نويابىر خەۋىرى. جۇڭگودىكى بۇتخانىلارنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، يانفون ئۈچۈن «خەيرلىك» يانفون نومۇرى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن نوم ئوقۇتۇشتىن كېيىن ئەمدى يېڭى پىكاپ ئۈچۈن نوم-ئايەت قۇتۇدىغان ئىشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
بىر ئىنتېرنېت ئابونتى گۇئاڭدوڭنىڭ شەنۋېي شەھىرىدىكى بىر بۇتخانىدا يېڭى سېتىۋالغان پىكاپىغا خەيرلىك تىلەپ نوم ئوقۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. سۈرەتتە راھىپار ماشىنا يېنىدا نوم ئوقۇۋاتقان بولۇپلا قالماي، ماشىنىنىڭ ئالدىغا بۇدساتۋا ھەيكىلى ۋە ئۇنىڭغا ئاتالغان نەزىر-نۇزرەت يېمەكلىكلىرى قويۇلغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
تور ئابونتلىرىدىن بىرى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق يازغان: ئەگەر نوم ئوقۇتسا ماشىنا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىش بولسا، مەملىكەت بويىچە ئەڭ قالتىس بىر راھىپكالاننى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسى ئۈچۈن دۇئا-تەگبىر قىلدۇرساق بولىدىكەن-دە!
ماقالە كۆپ توربېتىگە كۆچۈرۈلگەن، تور ئابونتلىرىنىڭ ئىنكاسى بەك كۈچلۈك بولغان. بەزىلەر خۇراپىيلىقنى مەسخىرە قىلىپ، ئارزۇسى تولىمۇ گۈزەل، ھەرىكىتى تولىمۇ كۈلكىلىك بوپتۇ، «لۇئوئىس چەۋرولەت» ئاپتوموبىلى ئۈچۈن 8 راھىپقا نوم ئوقۇتقان بولسا، «بەنز» ماركىلىق ئاپتوموبىل ئالسا 200 راھىبقا نوم ئوقۇتۇشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ! دەپ يازغان