ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ   ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ   ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﺎ   ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ   ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ    ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ    ﺑﺎﺯﺍﺭ  ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ  ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺋﯘﻟﯘﻧﯘﺵ

| قىززىق نوختا | دىيارىمىزدا | مەملىكەت خەۋىرى | خەلقارا خەۋەر | ئىجتىمائى خەۋەر
ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺯﻭﯕﺘﻮﯓ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ &
ﺧﻪﻳﺪﯨﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﭼﺎﺭ&
ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﺴ&#
ﺳﯘﺧﺎﺗﻮ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ 
ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺯﻭﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺵ ﻳ

 

   
 كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 25 يىل بولدى
 كۆرۈلىشى :  قېتىم                   2007年11月09日                             

  
بىلىۋال 8-نويابىر خەۋىرى. بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى، 15 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى دۇنيا بويىچە تۇنجى كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى تۈزۈپ چىققان، ئەينى چاغدا بۇ «كىچىككىنە ئاۋارىچىلىق»تىنلا ئىبارەت ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئونمىڭلىغان كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يامان چۈشىگە ئايلاندى، ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى يېڭى ئەندىزە بىلەن تەمىنلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئابېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رىچ سكرىنتا «كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى تۈزگەن تۇنجى كىشى»، گەرچە ئۇ كېيىن ئىت ساھەسىدە ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىگەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى تىلغا ئالغاندا يەنىلا ئۇ دۇنياغا تارقاتقان «ئەلكHلونەر» ۋىرۇسىنى ئەسكە ئېلىشىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئۆز ئۆزىنى نۇسخىلىيالايتتى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى شۇم تەرتىپلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاشلىقى يوق دېيىشكە بولاتتى. دەرۋەقە، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگەندە، بۇ ۋىرۇس كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىرىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.
كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ئالفېرد كوھېن 1986-يىلى كومپيۇتېر ۋىرۇسىغا دائىر بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يازغان ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدا، شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ھامان، بارغانسەرى كۆپلىگەن ئائىلىلەردە كومپيۇتېر بار بولىدۇ، «كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت» دېگەن ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، «ئەلككلونەر» ۋىرۇسى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرىلا نۇرغۇن ۋىرۇسلار بارلىققا كېلىپ بولغان ئىدى، ئۇلار پەقەت تەجرىبە خاراكتېرلىك ياكى تارقىلىش دائىرىسى چەكلىك ئىدى. نۇرغۇن كىشى سكرىنتا تۈزگەن ۋىرۇسنى تۇنجى رەسمىي ۋىرۇس دەپ تونۇغان، چۈنكى بۇ ۋىرۇس ئاساسلىق ئېقىم بولغان ئائىلە كومپيۇتېرلىرىدا تارقالغان ئىدى. 
 

   
 

 
ئالدىنقى خەۋەر  

ئىككى قولنى تەڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى  
كىيىنكى خەۋەر 没有了